Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىدىن كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار كارامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:29
19 Referans Kwoze  

يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.


يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ.


مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر.


ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! - دەپ سوئال قويدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىگە، يەنى ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان قان قەرزلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جاۋابكار بولىدۇ. شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن سىلەر جازاغا تارتىلىسىلەر.


- ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنىڭ يەنىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ھېلىقى كىشىگە: - بالاڭنى ئېلىپ كەل، - دېدى.


بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.


پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


ئەزەكىئەل سىلەر ئۈچۈن بىر تەمسىلدۇر. سىلەرمۇ ئۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىسىلەر. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە سىلەر مېنىڭ ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›»


بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite