27 ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا: - سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى.
چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ.
ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،
جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.
ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.
ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن.