Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:22
14 Referans Kwoze  

مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.


سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.


ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر.


لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.


شۇنداق قىلىپ، خۇدا روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى يامان ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى.


ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.


ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ.


مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر.


شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار.


مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite