21 ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ.
ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجىنى كىممۇ تارتىپ ئالالىسۇن؟ زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىر قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چىقالسۇن؟
ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.