16 يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟
يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ.
شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىدىن كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار كارامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق.
ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.