Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:7
18 Referans Kwoze  

ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ.


خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن.


بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار.


ئۇ يەنە: - بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار.


ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئائىلە بويىچە خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.


ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.


سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.


زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى.


ئۇ ئۆيدە خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيگۈچى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.


قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.


ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ، پايدىغا ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى بولغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلارغا ئېرىشسە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite