6 ئۇ ئۆيدە خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيگۈچى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.
ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!
تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ.
بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
ماتا كىيدىم قايغۇرۇپ، ئۇلار كېسەل بولغاندا، كەمتەر بولۇپ روزا تۇتتۇم، ئۇلار ئۈچۈن قىلدىم دۇئا، جاۋابسىز قالدى لېكىن دۇئالىرىم ھەر زامان.
ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.
خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار.
قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار.
ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.