5 قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار.
مۇنداق دەڭلار: «سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە سىزگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن.
شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!
ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.
- بۈگۈن بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلدى. چۈنكى، ئۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.
ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار.
ئۇ ئۆيدە خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيگۈچى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.