4 ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.
ئېلىشا گېخازىغا: _ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. بېرىپ، ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.
ئالدىڭغا تىككىن كۆزلىرىڭنى، توغرا تاشلا ھەم نەزىرىڭنى.
ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇپ، خىزمەتكارىغا: _ ئېشەكنى سەن تېز ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە ئاستىلاپ قالما، _ دېدى.
داۋۇت ئاخىمەلەك: _ سىزدە قىلىچ ياكى نەيزە بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىۋالماپتىمەن _ دېدى.
لېكىن غوجىدار: _ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.
تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە غوجىدار: _ مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، _ دېدى. _ قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، _ دېدى لابان.
ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.