39 مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى.
ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.
نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!
مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى.
- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.
ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.
لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.
كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا: _ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا قىلىپ بەر، _ دېدى.
بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.
نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.