38 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق.
ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار.
- ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. - ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! - دېدى.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن.
ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ، رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىپ، يالغان شىكايەت قىلدى.