34 ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار.
كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.
ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.
بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.
ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى؛ مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق يۈزىسىدىن بەدىنىمگە ئالدىنئالا ئەتىر سۈركەپ قويدى.
مىسىر يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى.
ئۇلار قونالغۇغا بارغاندا، ئارىسىدىن بىرى ئېشىكىگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە
لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ
ئەتىسى، سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بار بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ.