33 لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ
ساڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتۈرگەيسەن.
بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى.
ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما. ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا.
مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: - يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار.
يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.
يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
مەلىكە سېۋەتتە بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: _ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.
شۇنىڭدەك، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر خىزمەتچىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىچارە ئادەمنى كۆرۈپ، كارى بولماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.