Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 - توغرا جاۋاب بەردىڭىز. مانا شۇنداق قىلسىڭىز، مەڭگۈ ياشايسىز، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:28
14 Referans Kwoze  

ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ.


سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، - دېدى.


سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.


بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر.


ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


- مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، - دەپ جاۋاب بەردى شىمون. - توغرا ئېيتتىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ: - سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم.


بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بارلىق قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىزنى، ئۆزىدىن ئەيمىنىشىمىزنى ئەمر قىلغاندۇر. شۇنداق قىلساق، خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات قېلىپ، ھەمىشە بەخت ئىچىدە ياشايمىز.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىغا ئەمەل قىلغان جېنىنى ساقلاپ قالار، ئۇنىڭ يولىنى كەمسىتكەن ئادەم ھالاك بولار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite