25 تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: - ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى.
يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن: - ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى.
چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان.
لېكىن، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسىتىنى قايرىپ قويغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ: - ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.
ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ - دەپ سورىدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى، - دېدى.
- تەۋرات قانۇنىدا نېمە دېيىلگەن؟ بۇنى ئۆزىڭىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.
- مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.