Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:22
20 Referans Kwoze  

ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.


خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!


مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي.


چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان.


بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ.» «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بىراق، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈرۈلگىنىنى تېخى كۆرمىدۇق.


خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار ۋە تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئەمەللەرنىڭ ئۈستىگە چىقاردى.


ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.


مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى.


ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite