لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار. Gade chapit la |
شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى.
لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.