Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:18
9 Referans Kwoze  

سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!


بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى.


ئۇلار ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتاننى سوراققا تارتتى.


بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ.


لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.


پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،


پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى.


- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite