Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 «خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:11
16 Referans Kwoze  

شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى.


ئۇ شەھەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىڭلار ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەڭلار.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!


شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!:


ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.


ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى.


سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار.


لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.»


ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل «خۇدانىڭ سۆزى ساڭا يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر.» مانا بۇ، ھەم بىز يەتكۈزۈۋاتقان ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەردۇر.


ئۇ ئاسىي خەلق سۆزلىرىمنى مەيلى ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن، ئۇلار ھامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى.


بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ جاكارلاڭلار.


ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى.


بىراق، بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، ئۇ يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، كۆپچىلىك ئالدىدا:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite