سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى.