شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ.