Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:73 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

73-75 ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: ˜مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن، ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا، ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەنŒ دەپ قەسەم بەرگەن.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:73
10 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.


پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى.


مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر». مەن: _ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم.


ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:


شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، سېنىڭ ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite