Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:7
16 Referans Kwoze  

گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


ئەلقانانىڭ ھاننا ۋە پىنىننا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى ئايالى پىنىننادىن پەرزەنتلىرى بار ئىدى، ئەمما ھاننادىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.


بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.


رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.


كېيىن ئېلىشا گېخازىغا: _ ئۇ ئايالغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولار؟ _ دېدى. گېخازى ئويلىنىپ: _ ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىكەن، ئېرىمۇ قېرىپ كېتىپتۇ، _ دېدى.


ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى


ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى.


پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.


راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: _ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.


ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite