Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:69 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

69-71 ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:69
23 Referans Kwoze  

قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر.


ئۇ چاغ كەلگەندە مەن ئىسرائىل خەلقىنى كۈچلەندۈرىمەن. ئىسرائىل خەلقى سەن ئەزەكىئەلنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


ماڭا پاناھ بولىدىغان قورام تېشىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر.


پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»


ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار.


ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.


ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»


«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.


رەببىم، سەن دېدىڭكى: «تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم، قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.


ئەمما مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنىڭ زېمىنىنى قالدۇرىمەن.


شۇندىلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ھۇزۇرۇڭدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ.


ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite