64 دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.
ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، - دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.
ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم!
شەھەردىن قېچىپ چىققۇچى كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنىڭ گەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئادەم ئەتىسى ئەتىگەندە ئالدىمغا كەلگەندە، مەن ئېغىزىمنى ئېچىپ گەپ قىلالىدىم.
ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىننى قوغلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ: - بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيىدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، - دېيىشتى.
لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم بولغاندا، تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن. سۆزۈڭنى خالىغانلار ئاڭلايدۇ، خالىمىغانلار ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر خەلقتۇر.
شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.
ئۇ چاغ كەلگەندە مەن ئىسرائىل خەلقىنى كۈچلەندۈرىمەن. ئىسرائىل خەلقى سەن ئەزەكىئەلنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟