63 زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
بىراق، ئانىسى: - ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، - دېدى.
بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.
پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ساڭا ئايان قىلغانلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن! ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈۋالغىن! جاكارچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپمۇ، ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان بولسۇن!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.
مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما، ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.