58 خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.
خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.
ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.
ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ.
ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
سارە ئۆزىگە: «خۇدا ماڭا شادلىق ئاتا قىلىپ، مېنى كۈلدۈردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم مەن بىلەن بىرگە خۇش بولۇپ كۈلىدۇ!
سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.
ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: - مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن.