52 تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.
دالادىكى ھەممە دەرەخلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئېگىز دەرەخلەرنى پاكار، پاكار دەرەخلەرنى ئېگىز قىلالايدىغانلىقىمنى، ياشىرىپ تۇرغان دەرەخلەرنى قۇرۇتۇپ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى كۆكلىتىدىغانلىقىمنى بىلىشىدۇ. بۇنى مەنكى پەرۋەردىگار ئېيتتىم، مەن دېگىنىمنى قىلىمەن.»
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
بەلكىم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى نامرات، زىندانغا تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار، ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.
«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.
ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.