50 مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.
لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.
مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.
ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.
«ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار.
ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا. ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا، جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا.
ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»
پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.
شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.
چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى. مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن».