Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

48 ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:48
19 Referans Kwoze  

بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار، كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار، تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.


زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق ئەللەر: ‹ئۇلارنىڭ بېشىغا بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ!» مانا بۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا: - سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى.


پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.


بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.


مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدىم.


ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.


لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.


قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!


چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى. مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite