ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.