Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:36
10 Referans Kwoze  

ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.


- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.


چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل.


ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.


ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى.


بۇ چاغدا ئىبراھىم بىلەن سارە قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى.


سارە ھامىلىدار بولۇپ، ياشىنىپ قالغان ئىبراھىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا ئېيتقان ۋاقتىدا تۇغۇلدى.


خۇددى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك، ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، كېيىنكى يىلى ئېلىشا ئېيتقان ۋاقتىدا بىر ئوغۇللۇق بولدى.


تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite