Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:3
17 Referans Kwoze  

ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس، دەسلەپكى خېتىمدە، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگۈچە قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ۋە بەرگەن بارلىق تەلىملىرىنى بايان قىلغانىدىم.


- ھۆرمەتلىك ۋالىي فېستۇس! - دېدى پاۋلۇس، - مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق.


بۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز.


«ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام!


پېترۇس پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى.


ياقۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك!


قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەك، ئۇنى قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلدىم. لېكىن، ئۇنىڭ ھازىر ھېچ بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.


بىراق، تۇل ئايال تۇل پېتى تۇرسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى.


سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى. بىراق، مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى، ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى.


مەقسەتكە كەلسەك، بىز مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن زۆرۈر بولغان ئىككى-ئۈچ بەلگىلىمىدىن سىرت، سىلەرگە ھەرقانداق بىر ئېغىر يۈك يۈكلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.


شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.


ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى، سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى.


ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان.


ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ.


بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن.


ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.


بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite