29 بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى.
پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ:
كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.
زەكەرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى،
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.
شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.
جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.