Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:22
8 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.


قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى.


يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى.


پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.


سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسادىن كىمنى دېمەكچى بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئىشارەت قىلدى.


سېنىڭ بۇ ئاسىي خەلقنى ئەيىبلىيەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن، مەن تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاپ، سېنى گاچا قىلىپ قويىمەن. ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.


بۇ چاغدا، زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى.


زەكەرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite