Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:19
8 Referans Kwoze  

ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.


- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.


مەن تۇيۇقسىز: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى.


بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا: - قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن.


ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، - دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.


ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite