13 بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.
«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.
پەرۋەردىگار ھانناغا شاپائەت قىلدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. ئۇ چاغدا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.
بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.
ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا، چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا.
مەن پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ!؟ ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا قايتا كېلىمەن. ئۇ چاغدا سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى.
لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: - قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستكە مىخلانغان ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.
ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما! سەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدادىن ئىلتىجا قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم.
پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى.
ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنسۇن. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر.
جەبرائىل ئۇنىڭغا: - ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ.
كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنىڭغا «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ ئىسىم قويغىن.
كېيىن گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ قىزىڭغا «لو-رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتما»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى مەن ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيمەن.
پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن. مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.
ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا: - ئالاقزادە بولماڭلار، سىلەر كرېستكە مىخلانغان ناسىرەلىك ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، بۇ يەردە ئەمەس. مانا، ئۇ بۇرۇن قويۇلغان جاي.
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ.