11 تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن.
ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
لېكىن شۇ كېچە، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى زىنداننىڭ قاتمۇقات دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا:
بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا: - قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن.
جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى.
پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
خۇدا مانوۋاخنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغاندا، خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاخ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.
ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى.