Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 9:7
12 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشى كېرەك.


ھەر قېتىملىق باش روھانىي كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ، ئۆز خەلقىگە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا ئاتالغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنىدۇ


بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى.


ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى.


ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن.


بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.


ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.


ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن.


ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite