6 مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.
مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى.
قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى.
ھارۇن پۈتۈن خەلققە گەپ قىلىۋاتقاندا، ئۇلار چۆللۈكتە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.
بۇ يەر مېنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يېرىمدۇر. بۇ يەر مېنىڭ پارلاق نۇرۇم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ.