5 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.
ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن.
مۇسا ئۇلارنى خۇدا بىلەن دىدارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قارارگاھتىن باشلاپ چىقىپ، سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىگە ئەكەلدى.
ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن.
مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.