Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 9:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ھارۇن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە بەخت تىلىدى. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئايرىلدى.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 9:22
16 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى.


ئۇ يەردە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئالدىغىراق چىقسۇن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللانغاندۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت تىلەيدۇ، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە زوراۋان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.


يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.


نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.


ئاندىن سۇلايمان ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:


ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.


خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.


مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەممە نەرسىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆردى ۋە ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite