14 ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.
تازىلانغان ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى، يەنى پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە كۆيدۈردى. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.
قۇربانلىقنى خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەي، ئىچ-باغرى بىلەن پۈتۈن پېتى ئوتتا پىشۇرۇپ يېسۇن.
ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى.