13 ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.
روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
ھارۇن يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوچقارنى بوغۇزلىدى، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ قېنىنى ھارۇنغا سۇنۇپ بەردى، ھارۇن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.
ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.
ئاندىن قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى، بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.