Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرىگە بىنائەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 9:10
13 Referans Kwoze  

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى، كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى!


خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.


بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن.


ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى.


گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite