35 سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.
پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەيلى نېمە ئىش قىلمىغىن، مەيلى قايسى تەرەپكە ماڭمىغىن، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن.
_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار.
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى.
لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.
تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى،
ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.
بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.
ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى،
خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما.
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.
بۇ يەر پەقەت زادوق ئەۋلادلىرىدىن ماڭا بېغىشلىنىپ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پاك روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ. ئىسرائىللار مەندىن يىراقلاشقان ۋاقىتلاردا، زادوق ئەۋلادلىرى قالغان لاۋىيلاردەك مەندىن يۈز ئۆرۈمىدى.
ئۇدا يەتتە كۈن، ھەر كۈنى بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلغىن. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر كۈنى بىر تۇياق بۇقا، بىر تۇياق قوچقارنى قۇربانلىق ئۈچۈن كەلتۈر، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.
ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇيسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ.
پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئوتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىشكە ئەمر قىلمىغانىدى.
مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
سەن مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يەتتە كۈنگىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگىن.
بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.