34 بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى.
ئۇنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى بولسا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىز روھانىي بولغۇچى لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە بولۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بويىچە بولمىدى.
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشمىغۇچە كەتمەڭلار، يەتتە كۈن تۇرۇڭلار. چۈنكى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا يەتتە كۈن كېتىدۇ.
سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.