Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 8:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇڭلار. ئۇنى مەن بۇيرۇغاندەك، شۇ يەردە روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان سېۋەتتىكى نانلار بىلەن يەڭلار.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 8:31
12 Referans Kwoze  

ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن.


ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ.


بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر.


_ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟


مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن.


بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازان ساپال قازان بولسا، چېقىۋېتىلسۇن؛ تۇچ قازان بولسا، سۈرتۈپ تازىلىنىپ، چايقالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite