لاۋىيلار 8:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى30 مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى. Gade chapit la |
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.