Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەتنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 8:3
16 Referans Kwoze  

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.


2-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.


مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا، ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ، يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنى يېزىلغان يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى.


يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى.


پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.


پادىشاھ سۇلايمان ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلار ھەددى-ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.


پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.


داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى.


شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى.


ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى.


_ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.


_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.


پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى جەم قىلىپ، لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگىن.


پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite